فىرانسىيەدە 2022-يىلى ھەر 12 مىنۇتتا بىر كىچىك بالا يوقاپ كەتتى

فىرانسىيەدە 2022-يىلى ھەر 12 مىنۇتتا بىر كىچىك بالىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى دوكلات قىلىندى.

1990895
فىرانسىيەدە 2022-يىلى ھەر 12 مىنۇتتا بىر كىچىك بالا يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: <Droit d'Enfance> (بالىلار ھوقۇقى) جەمئىيىتى «خەلقئارا يوقاپ كەتكەن بالىلار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى مەنبە قىلغان بىر دوكلات ئېلان قىلدى.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2022-يىلى ھەر 12 مىنۇتتا، ئوخشىمىغان سەۋەبلەر بىلەن يوقاپ كەتكەن بىر بالا دوكلات قىلىنغان.

فىرانسىيەدە 2022-يىلى 40 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك بالانىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى رويخەتكە ئېلىنغان بولۇپ، بۇلاردىن %37.9 تىنىڭ 15 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ %63 ى 15 ياشتىن يۇقىرى بولۇپ، ئاتا-ئانىسى بىلەن چىقىشالمىغانلىقتىن ئۆيلىرىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، غايىب بولۇش دوكلاتلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئۆيىدىن قاچقان ياش قىزلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، بۇ ۋەقەلەرنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ جىنسىي سۈيىئىستېماللارغا سەۋەب بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

غايىب بولۇش دوكلاتلىرىنىڭ مەلۇم بىر خەلق توپىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالماستىن، بارلىق ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي چەمبىرەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

دوكلاتلارنىڭ مەلۇم قىسمىنى چەت ئەلدىكى ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلغان بالىلار ھەققىدە بىرگە ياشاۋاتقان باشقا ئاتا-ئانىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىش تورى شەكىللەندۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا، بالىسى ئېلىپ قېچىلغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى قانۇنلۇق يوللار بىلەن قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن ئۇزۇن كۈرەش قىلغانلىقىمۇ ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر