پاكىستان ھىندىستاننىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلاۋال بۇتتو زەردارى ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىردە 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنى ئۆتكۈزۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1989733
پاكىستان ھىندىستاننىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلاۋال بۇتتو زەردارى ئازاد جاممۇ كەشمىر قانۇن چىقىرىش مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە، ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىردە 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنى ئۆتكۈزۈشىنى «قانۇنسىز» دەپ ئاتىغان.

زەردارى يېڭى دېھلىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئىختىلاپلىق رايوننى «قانۇنىي» جەھەتتىن ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە ھىندىستاننىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى سۈيئېستىمال قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئاباد شەھىرىدە ۋە ئازاد جاممۇ كەشمىر رايونىدىمۇ يۈزلەرچە كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھىندىستاننىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئازاد جاممۇ كەشمىر رايونىنىڭ پايتەختى موزاففەرئاباد شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولغان نامايىشچىلار، يېڭى دېھلىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ساياھەت يىغىنىنى سرىناگار شەھىرىدە چاقىرىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن، ھەمدە ھىندىستانغا قارشى شوئارلارنى توۋلىغان.

يېڭى دېھلىنىڭ بۇ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىسلامئابادتىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

ھىندىستان 20 دۆلەت گۇرۇھى ساياھەت خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنىنى 22-24-ماي كۈنلىرى جاممۇ كەشمىر رايونىنىڭ سرىناگار شەھىرىدە چاقىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئەنگلىيە 1947-يىلى مۇستەملىكىسى بولغان ھىندىستاندىن چىقىپ كەتكەن مەزگىلدە كىنەزلىك بولغان كەشمىر، ئەمدىلا مۇستەقىل بولغان ھىندىستان ياكى پاكىستاندىن بىرى بىلەن بىرلىشىش يولىنى تاللاشقا دۇچ كەلگەن.

نوپۇسىنىڭ %90 ى مۇسۇلمان بولغان كەشمىر خەلقى 1947-يىلى پاكىستانغا قوشۇلۇپ كېتىش ئىرادىسىنى نامايان قىلغان بولۇشىغا قارىماي، ئەينى ۋاقىتنىكى كەشمىر شاھزادىسى ھىندىستان بىلەن بىرلىشىشنى قارار قىلغانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1948- يىلىدىن بۇيان تۈرلۈك قارارلارنى ماقۇللاش ئارقىلىق كەشمىرنىڭ «ھەربىيسىز رايون» غا ئايلاندۇرۇلۇشى ۋە كېلەچىكىنىڭ رېفېراندۇم ئارقىلىق بېكىتىلىشىنى نىشان قىلماقتا.

ھىندىستان ھۆكۈمىتى رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشى پوزىتسىيە تۇتسا، پاكىستان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر