سەئۇدى ئەرەبىستان ئالەم كېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بوشلۇققا يوللىدى

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئەلى قەرنى بىلەن رەييانە بەرناۋى ئولتۇرغان ئالەم كېمىسى — AX-2 مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى.

1989245
سەئۇدى ئەرەبىستان ئالەم كېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بوشلۇققا يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋەر قانىلى «ئەلئىخبارىييە»نىڭ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، قەرنى بىلەن بەرناۋى ئولتۇرغان ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، خەلقئارا ئالەم بازىسىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئۆتكەن يىلىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «2030- يىللىق پىلان» دائىرىسىدە ئالەم قاتنىشى پىروگراممىسىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىن پايدىلىنىش ۋە بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلارغا تۆھپە قوشۇشنىڭ نىشان قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ 14- فېۋرالدىكى باياناتىدا، رەييانە بەرناۋى بىلەن ئەلى قەرنىنىڭ AX-2 ئالەم كېمىسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا يولغا سېلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

باياناتتا، ئالەم كېمىسىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئامېرىكادىن ھەرىكەت قىلىشىنىڭ قارار قىلىنغانلىقى، پىروگرامما دائىرىسىدە مەريەم فىردەۋس بىلەن ئەلى ئەلغامىدى ئىسىملىك ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتلىرى بويىچە تەربىيەلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر