ئامېرىكادا «ئەنئەنىۋى تۈرك كۈنى يۈرۈشى» پائالىيىتى 20-مايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئامېرىكانىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە 1981-يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «ئەنئەنىۋى تۈرك كۈنى يۈرۈشى» پائالىيىتى 20-مايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1988038
ئامېرىكادا «ئەنئەنىۋى تۈرك كۈنى يۈرۈشى» پائالىيىتى 20-مايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ نيۇ يوركتىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا سىنلىق ئۇچۇر ھەمبەھىرلىگەن باش كونسۇل رەيھان ئۆزگۇر بارلىق پۇقرالارنى تۈركىيە كۈنى يۈرۈشىگە تەكلىپ قىلدى.

باش كونسۇل رەيھان ئۆزگۇر: «بۇ پائالىيەت جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 100 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 20-ماي شەنبە كۈنى مەنخاتتوندا تۈركىيە ئامېرىكا بىرلەشمىسى (TADF) تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. بارلىق پۇقرالىرىمىزنىڭ 40-نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى تۈركىيە كۈنى يۈرۈشىگە قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېدى.

ئۇ ئەنئەنىۋى تۈرك كۈنى يۈرۈشىنىڭ تۈرك-ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى بىلەن، ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ كۆرۈنەرلىكىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش نۇقتىسىدىن مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ، بولۇپمۇ بالىلار ۋە ياشلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئامېرىكا بىرلەشمىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، يۈرۈش پائالىيىتىنىڭ نيۇ يوركنىڭ مەنخاتتوندىكى مادىسون كوچىسىدا شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11:30 دە باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكادا تۈركىيە دىپلوماتلىرىنىڭ ئەرمېنىيە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئاسالا (ASALA) تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە 1981 - يىلى تۇنجى قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يۈرۈش پائالىيىتى كېيىنكى يىللاردا ئەنئەنىگە ئايلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر