كونگودىكى توقۇنۇشلاردا يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە 530 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدىكى بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە 530 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1988129
كونگودىكى توقۇنۇشلاردا يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە 530 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مۇقىملاشتۇرۇش ئۆمىكى ئىشخانىسى مۇدىرى مارك كارنا بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئىتورى ئۆلكىسىدىكى قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار يېقىندىن بۇيان ھۇجۇملىرىنى سالمىقىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە ئىتۇرىدىكى ھۇجۇملاردا 530 پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى، كەم دېگەندە بىر مىليون كىشىنىڭ ئۆي- ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلقىنى ئېيتتى.

مۆلچەرلىنىشىچە، دۆلەتنىڭ شەرقىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان قوزغىلاڭچىلارنىڭ 2014 – يىلىدىن بۇيانقى ھۇجۇملىرىدا مىڭلارچە پۇقرا قازا قىلغان.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رىۋاندا، ئۇگاندا ۋە بۇرۇندى بىلەن چېگرىلىنىدىغان شەرقى رايونى 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئالتۇن، كوبالت قاتارلىق بايلىق زاپاسلىرىنى كونتروللۇقىغا ئالماقچى بولۇۋاتقان قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە توقۇنۇشلىرىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر