سۇداندىكى توقۇنۇشلاردا 822 ئادەم ئۆلدى

سۇداندا ئارمىيە تەرەپ بىلەن تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا فېۋرال ئېيىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا 822 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1987184
سۇداندىكى توقۇنۇشلاردا 822 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان دوختۇرلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، سۇدان ئارمىيەسى بىلەن تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا فېۋرال ئېيىدىن بۇيان پايتەخت خارتۇم، ئەلئۇبيد ۋە غەربىي دارفۇر ئۆلكىسىنىڭ جۇنەينە شەھىرى قاتارلىق رايونلاردا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا 822 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 3215 كىشى يارىلانغان.

4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەتىگەندە سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇم ۋە باشقا شەھەرلەردە سۇدان ئارمىيەسى بىلەن تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش باشلانغانىدى.

سۇدان ئارمىيەسى بىلەن تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت نەتىجىسىدە،  5-ئاينىڭ 11-كۈنى  «جىددە باياننامەسى» ئىمزالانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر