نىگېرىيەدە ئىككى ئېتنىك گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

نىگېرىيەنىڭ ناساراۋا ئۆلكىسىدە ئىككى ئېتنىك گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا كەم دېگەندە 15 ئادەم قازا قىلدى.

1987187
نىگېرىيەدە ئىككى ئېتنىك گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناساراۋا ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى رامخان نانسېلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نىگېرىيەنىڭ كارۇ رايونىدا 18 ياشلىق بىر چارۋىچى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، تاركالافىيە ۋە كۇۋاجا ئېتنىك گۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا يارىلانغان.

دېھقانچىلىق ئەسلىھەلىرى ۋە ئېتىز – ئېرىقلارمۇ زىيانغا ئۇچرىغان توقۇنۇشلاردىن كېيىن، يادىدارلار دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر