جو بايدىن: «ئامېرىكادىكى ئەڭ خەتەرلىك تېررورلۇق تەھدىتى، ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكىدۇر»

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن دۆلەتتىكى ئەڭ خەتەرلىك تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ «ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1986094
جو بايدىن: «ئامېرىكادىكى ئەڭ خەتەرلىك تېررورلۇق تەھدىتى، ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكىدۇر»

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت بايدىن ۋاشىنگتوندىكى ھوۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا ئامېرىكادىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تەنقىد قىلىپ: «ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكى، ئانا ۋەتىنىمىزدىكى ئەڭ خەتەرلىك تېررورلۇق تەھدىتىدۇر» دېدى.

پىرېزىدېنت بايدىن ئۆزىنىڭ بۇ سۆزلەرنى ھەمىشە، ھەممە يەردە تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بايدىن نۇتۇقىدا ئامېرىكانى ئىچكى زىددىيەتلەر بىلەن تەۋرەۋاتقان دۆلەت سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ئوقۇغۇچىلارنى «مىللەتنىڭ رۇھى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش» قا چاقىردى.

بايدىننىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى سۆزلىرىگە قارىماستىن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ «بايدىن بىلەن خاررىس قارا تەنلىكلەرگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ» ۋە «ئورنىڭدىن تۇر، كۈرەش قىل، قارا تەنلىكلەر ھۇجۇم ئاستىدا» دەپ يېزىلغان  لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ھوۋارد ئۇنۋېرسىتىتىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن 7 - پىرېزىدېنت بايدىنغا ئۇنىۋېرسىتېت ھەيئىتى تەرىپىدىن پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى.

بايدىننىڭ مۇئاۋىنى كامالا خاررىس ھوۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر