ئامېرىكانىڭ بەش ئىشتاتىدا بوران – چاپقۇن ئاپىتى يۈز بەردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىچكى ۋە جەنۇبىي رايونلىرىدىكى بەش ئىشتاتتا كەم دېگەندە 16 بوران - چاپقۇن ئاپىتى يۈز بەردى.
1985905
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى تۈنۈگۈن كەچتە لۇئىسانا، كولورادو، كانزاس، نېبراسكا ۋە ئوكلاخوما ئىشتاتلىرىدا كەم دېگەندە 16 بوران - چاپقۇن ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوران - چاپقۇن ئاپەتلىرىدە ھازىرغىچە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن، ئەمما بەزى ئولتۇراق رايونلىرىدا ئۆي – ماكانلار ۋە ئىش ئورۇنلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.
مېتېئورولوگىيە دائىرىلىرى مەزكۇر ئىشتاتلاردا بوران – چاپقۇن، مۆلدۈر، قارا يامغۇر ۋە كەلكۈن قاتارلىق ھاۋارايى ھادىسىلىرىنىڭ ھەپتە ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى توغرىلىق ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، پۇقرالاردىن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.