ئىسرائىلىيە ئىستىخباراتى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن مەسجىدى ئەقسانىڭ ئىمامى قويۇپ بېرىلدى

ئىسرائىلىيە ئىستىخباراتى تەرىپىدىن ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات كۆرسەتمەستىن سوراققا چەقىرىلغان مەسجىدى ئەقسانىڭ ئىمامى ۋە خەتىبى شەيخ ئىكرىمە سابرى «تەكشۈرۈشكە قايتا كېلىش ۋە بىر قىسىم ئەرەب ئاخبارات قاناللىرى بىلەن ئالاقىلاشماسلىق» شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلدى.

1984328
ئىسرائىلىيە ئىستىخباراتى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن مەسجىدى ئەقسانىڭ ئىمامى قويۇپ بېرىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەيخ سابرىنىڭ ئادۋوكاتى خالىد زەباراكا مۇخبىرلارغا بۇ ھەقتە قىسقىچە بايان ئېلان قىلدى.

زەباراكا شەيخ ئىكرىمە سابرىنىڭ پات ئارىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكشۈرۈشكە قاتنىشىش ئۈچۈن تەييار تۇرىشى ۋە ئەل-مەنار، ئەلقەسا ۋە ئەل-مەيادىن قاتارلىق ئۈچ خەۋەر قانىلى بىلەن ئالاقە قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

شەيخ سابرىنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ 8-ماي دۈشەنبە كۈنى تېلېفون قىلىپ، شەيخ ئىكرىمە سابرىنى سوئال سوراققا چاقىرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.  

باياناتتا، سوئال سوراققا چاقىرىلىشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سابرىنىڭ ئۆيىگە كۆپ قېتىم بېسىپ كىرىپ، ئۇنى سوراققا چاقىرغان ۋە سابرىنى مەسجىدى ئەقسادىن ئۇزاقلاشتۇرۇش جەزاسى بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر