خىتاي-كانادا ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك كىرىزىس يۈز بەردى

كانادا خىتاينىڭ تورونتو كونسۇلخانىسىدىكى بىر دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» ئېلان قىلدى.

1984144
خىتاي-كانادا ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك كىرىزىس يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا خىتاينىڭ تورونتو كونسۇلخانىسىنىڭ بىر دىپلوماتىنى كانادالىق بىر پارلامېنت ئەزاسىغا تەھدىت سالغانلىقى سەۋەبلىك «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» ئېلان قىلدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلانىئې جولى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، كانادانىڭ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش قىلمىشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، كانادادىكى دىپلوماتلارنىڭ ئەگەر بۇ خىل قىلمىشلارنى سادىر قىلسا ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر جولى تورونتودا تۇرۇشلۇق خىتاي دىپلوماتى ساۋ ۋېينىڭ كانادالىق بىر پارلامېنت ئەزاسىغا تەھدىت سالغانلىقى سەۋەبلىك «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قارار بارلىق مۇناسىۋەتلىك ئامىللار كۆزدە تۇتۇلۇپ چىقىرىلدى. بىز دېموكراتىيەمىزنى قوغداشتا چىڭ تۇرىمىز.»

«يەر شارى ۋە ئېلخەت» گېزىتى ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، كانادا ئاخبارات ئورگىنى CSIS نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2021 - يىلى كانادا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى مايكېل چوڭغا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا ياشايدىغان ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا تەھدىت سېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بېيجىڭنىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن سەيشەنبە كۈنى كانادانىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدىكى بىر دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، كانادا دىپلوماتى جېننىفېر لىن لالوندېنىڭ 13-مايغىچە خىتايدىن ئايرىلىشىنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر