كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى سۇ ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 394 كە يەتتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدىكى جەنۇبى كىۋۇ ئۆلكىسىدە ياغقان شىددەتلىك يامغۇر پەيدا قىلغان سۇ ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 394 كە يەتتى.
1983745
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى مەتبۇئاتلىرى، جەنۇبى كىۋۇ ئۆلكىسىنىڭ بۇشۇشۇ ۋە نىيامۇكۇبى كەنتلىرىدە ئىككى كۈن ئىلگىرى يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدىن كېيىن يەنە 218 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
شۇنداق قىلىپ، سۇ ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 394 كە يەتكەن بولدى.
نۇرغۇن كىشى غايىب بولۇپ كەتكەن ئاپەتتىن كېيىنكى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.