كونگودا كەلكۈن ئاپىتىدە 176 ئادەم قازا قىلدى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىي كىۋۇ ئۆلكىسىدە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە 176 ئادەم قازا قىلدى.
1983331
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىي كىۋۇ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كۈلكەن ئاپىتىدە بىر دەريا تاشتى. بۇششۇ ۋە نىمكۇبى كەنتلىرىدە ئېغىر زىيان كۆرۈلدى.
جەنۇبىي كىۋۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى سېئو نىگۋابىدجې كاسى كەلكۈن ئاپىتىدە 176 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىگىلىنىشىچە، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىي كىۋۇ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى ئەسناسىدا يوقاپ كەتكەن كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.