بېلگىيەدە تېررور گۇماندارى يەتتە كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

بېلگىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇمى پىلانلاۋاتقانلىقى ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق بىر گۇرۇپپا بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئەسكەرتىلگەن يەتتە كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

1983000
بېلگىيەدە تېررور گۇماندارى يەتتە كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە فېدېراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، فلامان رايونىنىڭ روسېلارې، مېنېن، ئوستېند، ۋېۋېلگېم ۋە گەنت شەھەرلىرىدە بىر قانچە يەرنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە يەتتە كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، دائېشقا چېتىشلىقى بار بىر گۇرۇپپا بىلەن مۇناسىۋىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنغان كىشىلەرنىڭ تۆت نەپىرىنىڭ چېچەنىستانلىق، ئۈچىنىڭ بېلگىيەلىك ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، گۇماندارلارغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمى پىلانلاشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بېلگىيە تەھدىت ئانالىزى ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتتىكى تېررورلۇق خەۋپىنىڭ ئوتتۇراھال سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر