شىۋېتسىيە پارلامېنتى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى جىنايى ئىشلار قانۇنىنى ماقۇللىدى

شىۋېتسىيە پارلامېنتى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان يېڭى جىنايى ئىشلار قانۇنى لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

1982495
شىۋېتسىيە پارلامېنتى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى جىنايى ئىشلار قانۇنىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە پارلامېنتى تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا ئەزا بولۇشىنى تەستىقلىشىنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان يېڭى جىنايى ئىشلار قانۇنى لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە، قانۇن لايىھەسى 34 كە قارشى 268 ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى. سولچىلار پارتىيەسى بىلەن يېشىللار پارتىيەسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە 47 پارلامېنت ئەزاسى قاتناشمىدى.

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلستروم ئۆتكەن ئايدا «داگېنس نىخېتېر» گېزىتىگە بايانات بېرىپ، 1 -ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان يېڭى تېررورلۇق جازا قانۇنى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئەندىشلىرىگە خاتىمە بېرىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

بىلستروم پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «پ ك ك نىڭ زېمىنلىرىمىزدىكى پائالىيەتلىرى ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك. تۈركىيەگە قارشى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئەتراپلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پ ك ك زېمىنلىرىمىزدىن زەھەرلىك چېكىملىك ​​سودىسى ۋە شىۋېتسىيە جەمئىيىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر خىل يوللار ئارقىلىق پۇل توپلاشنىڭ بازىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىر دۆلەتتىكى تېررورلۇقتا پايدىلىنىشى بىزنىڭ بۇ پائالىيەتلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ» دېگەنىدى.

شىۋېتسىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئەزا بولۇشنىڭ جىنايى قىلمىشلار دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈشىنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان كىشىلەر تۆت يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.

ئەگەر جىنايى قىلمىشنىڭ خاراكتېرىنى ئېغىرلاشتۇغۇچى سەۋەبلەر كۆرۈلسە، بۇ جىنايەتلەرنىڭ جازاسى ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا سەككىز يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن ياكى باشقىچە يوللار بىلەن قوللىغان كىشىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋە سوراق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كەڭ ھوقۇقىغا ئىگە قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر