رىۋاندادا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى ۋە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە يۈزدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى

رىۋاندادا سەيشەنبە كۈنىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتى ۋە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە 109 ئادەم قازا قىلدى.

1982421
رىۋاندادا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى ۋە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە يۈزدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رىۋاندا جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش مىنىستىرى مارى سولانگې كايىسىرې دۆلەتنىڭ غەربىي ۋە شىمالىدىكى ئۆلكىلەردە ياغقان شىددەتلىك يامغۇر پەيدا قىلغان سۇ ئاپەتلىرى ۋە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە 109 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى؛ قازا قىلغانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە قاپسىلىپ قالغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان كايىسىرې، ئاپەت نەتىجىسىدە نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ۋە دېھقانچىلىق يەرلىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نگورورېرو، رۇباۋۇ، نيابىخۇ، رۇتسىرو ۋە كارونگى قاتارلىق رايونلارنىڭ ئاپەتنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان كايىسىرې، ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى چېدىر بىلەن تەمىنلەش خىزمەتلىرىنىڭ باشلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، رىۋاندانىڭ مۇكامىرا – نگورورېرو ۋە رۇباۋۇ - رۇتسىرو يوللىرىدىمۇ بۇزۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر