مېكسىكا ئامېرىكانىڭ «جاسۇس شار»نىڭ ئىزىنى قوغلىشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى

مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئاندرېس مانۇئېل لوپېز ئوبرادور ئامېرىكانىڭ ئاسىيا تەرەپتىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر جاسۇسلۇق شارىنى ئىزدەش ئۈچۈن ھاۋا تەۋەلىكىدىن پايدىلىنىش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1982733
مېكسىكا ئامېرىكانىڭ «جاسۇس شار»نىڭ ئىزىنى قوغلىشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوبرادور مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «(ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى) پېنتاگون ھاۋائىدىن مېكسىكا ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان جاسۇس شارنىڭ ئىزىنى قوغلاش ئۈچۈن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھاۋا تەۋەلىكىمىزگە كىرىشنى خالايدىغانلىقى توغرىسىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىمىز بىلەن ئالاقىلەشتى. ئۇلار شارنىڭ شارنىڭ ئاسىيا تەرەپتىن كەلگەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى» دېدى.

پىرېزىدېنت ئوبرادور سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىزنىڭ جاۋابىمىز <ياق، (ھاۋا تەۋەلىكىمىزگە) كىرەلمەيسىلەر> دېگەندىن ئىبارەت بولدى. بىز ئۇچقۇ ۋە ئايروپىلانلارنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىمىزگە كىرىشىگە يول قويمايمىز» دېدى.

مېكسىكا خەلق ئاۋىياتسىيەسى تەشكىلاتى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكا تەۋەپ شۇ يەر ۋاقتى سائەت 03:00 تە دۆلەتنىڭ غەربىدىكى مانزانىللو شەھىرىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن جاسۇسلۇق شارىنى تاپالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئوبرادور، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قوشۇمچە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ مېكسىكا بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ «ئىتائەت قىلىش» ياكى «بويسۇنۇش»نى ئەمەس، بەلكى ھەمكارلىقنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئوبرادور 18- ئاپرېل ئامېرىكانى مېكسىكا تەۋەلىكىدە جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

ئوبرادور ئامېرىكا ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ سىنالوئا گۇرۇھىنىڭ 28 ئەزاسىنىڭ ئامېرىكاغا كۆپ مىقداردا فانتانىل ئەتكەس قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى مېكسىكىدا قولغا چۈرۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر