فىرانسىيە ئاساسىي قانۇن كېڭىشى رېفېراندۇم تەلىپىنى رەت قىلدى

فىرانسىيەدە ئاساسىي قانۇن كېڭىشى پارلامېنتنىڭ «پېنسىيە يېشىنى 62 گە چۈشۈرۈشنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش» تەلىپىنى رەت قىلدى.

1982602
فىرانسىيە ئاساسىي قانۇن كېڭىشى رېفېراندۇم تەلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى لورېنت فابىيۇس رىياسەتچىلىك قىلغان ۋە جەمئىي 9 ئەزادىن تەركىب تاپقان ئاساسىي قانۇن كېڭىشىنىڭ باياناتىدا، پارلامېنت ئەزالىرى سۇنغان رېفېراندۇم تەلىپىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ 11-ماددىسى بويىچە «ئىسلاھات» تەشكىل قىلمايدىغانلىقى سەۋەبىدىن رەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پېنسىيە ئىسلاھاتىغا قارشى 253 پارلامېنت ئەزاسى 13-ئاپرېل پېنسىيە يېشىنى 62 گە قىسقارتىشنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئاساسىي قانۇن كېڭىشىگە ئىلتىماس سۇنغان ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئوڭچىل مىللىي ئىتتىپاقلىق پارتىيەسى پېنسىيە يېشىنى 60 قا چۈشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن لايىھەسىنى پارلامېنتقا سۇندى.

فىرانسىيە پارلامېنتىدىكى ئوڭچىل مىللىي ئىتتىپاقلىق پارتىيەسى گۇرۇپپىسىنىڭ باياناتچىسى ۋە پارلامېنت ئەزاسى لائور لاۋالېتېت تۋىتتېردا پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ يازما باياناتىنى ھەمبەھىرلىدى.

باياناتقا قارىغاندا، ئوڭچىل مىللىي ئىتتىپاقلىق پارتىيەسى گۇرۇپپىسى 20 ياشتىن بۇرۇن ئىشلەشكە باشلىغانلارنىڭ 60 ياشتا پېنسىيەگە چىقىشىنى قوللايدىغان قانۇن لايىھەسىنى پارلامېنتقا سۇنغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىشچىلار ئويۇشمىلىرى 6-ئىيۇن پېنسىيە ئىسلاھاتىغا قارشى 14-قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزىدۇ.

پارلامېنتتا، 6-ئاينىڭ 8-كۈنى پېنسىيە ئىسلاھاتىنى بىكار قىلىش قانۇن لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ھۆكۈمەتنىڭ پېنسىيە يېشىنى 62 دىن 64 كە چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويمايلا پارلامېنتتا ماقۇللاش قارارى سەۋەبىدىن، 16-مارت فىرانسىيەدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش پارتلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر