نىگېرىيەدە ماي باكلىق ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسىدە 13 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ پېلاتېئا ئۆلكىسىدە ماي باكلىق ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسىدە 13 ئادەم قازا قىلدى، 10 ئادەم يارىلاندى.
1980943
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېلاتېئا ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسى ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئالفرېد ئالابونىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماي باكلىق ئاپتوموبىل پېلاتېئا ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى جوس شەھىرىنىڭ شىمالىي باۋچى-جوست تاشيولى بويىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتىدا ماي چۈشۈرۈلۈۋاتقاندا پارتلاش يۈز بەرگەن.
پارتلاش نەتىجىسىدە 13 ئادەم قازا قىلغان، 10 ئادەم يارىلانغان، 28 دۇكان ۋە 8 ئاپتوموبىل كۆيۈپ كەتكەن، ئەتراپتىكى ئۆيلەر زىيانغا ئۇچرىغان.
ئالابونىڭ ئەسكەرتىشىچە، پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىش خەۋپى بار ئىكەن.