شىۋېتسىيە-نورۋېگىيە ئوتتۇرىسىدا راكېتا سەۋەبىدىن يىرىكچىلىك يۈز بەردى

شىۋېتسىيەنىڭ تەتقىقات راكېتالىرىنىڭ بىرىنىڭ نورمال ئىشلىمەي نورۋېگىيە زېمىنىغا چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە جىددىيلىشىش يۈز بەردى.

1980209
شىۋېتسىيە-نورۋېگىيە ئوتتۇرىسىدا راكېتا سەۋەبىدىن يىرىكچىلىك يۈز بەردى
isvec-norvec.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە رەسمىي يوللار ئارقىلىق ۋەقەنى ئۇقتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن قوشنىسى شىۋېتسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى.

نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى راگنخىلد سىمېنستاد (Ragnhild Simenstad) بايانات ئېلان قىلىپ: «مىنىستىرلىققا رەسمىي ئۇقتۇرۇش كەلمىدى. چېگرادا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقە يۈز بەرگەندە، مەسئۇللارنىڭ مۇناسىپ يوللار ئارقىلىق نورۋېگىيە دائىرىلىرىگە دەرھال خەۋەر قىلىشى ناھايىتى مۇھىم. چۈشكەن راكېتانىڭ زور زىيان پەيدا قىلىش مۇمكىنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق مۇھىم. يېقىلغۇ بۇلغانغان بولۇشى، زەھەرلىك ماددىلار بار بولۇشى مۇمكىن. تەلەپ قىلىدىغىنىمىز قائىدە-پىرىنسىپلارغا بويسۇنۇش، ئۇلارغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىش» دېدى.

راكېتا قويۇپ بېرىلگەن شىۋېتسىيە ئېسرانگې (Esrange) ئالەم مەركىزىنىڭ خادىمى ماركو كوخبېرگ بۇ ۋەقەنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى، سەۋەبىنى پەرەز قىلىشقا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندا تەپسىلىي ئۇچۇرلارنىڭ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا دائىرىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىلغانلىقىنى، راكېتا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، كېلىشىملەر بويىچە ھەرىكەت قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىدىكى كىرۇنا ئەتراپىدىكى ئېسرانگې ئالەم مەركىزىدىن دۈشەنبە كۈنى (24-ئاپرېل) شۇ يەر ۋاقتى 07:20 دە قويۇپ بېرىلگەن ۋە چېگراغا يېقىن جايغا چۈشۈشى پەرەز قىلىنغان راكېتا، نىشاندىن چىقىپ كەتكەن ئىدى.

شىۋېتسىيە ئالەم قاتنىشى شىركىتى (SSC) قويۇپ بەرگەن تەتقىقات راكېتاسى 250 كىلومېتىر ئېگىزلىككە يەتكەندىن كېيىن، لىنيەسىدىن چەتنەپ نورۋېگىيەنىڭ تاغلىق رايونىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.

شىۋېتسىيە نورۋېگىيەدىن ئەپۇ سوراپ ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر