رۇسىيە مولداۋىيەنىڭ بىر دىپلوماتىنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلدى
رۇسىيە مولدوۋادىيەنىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلىشنى قارار قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مولداۋىيەنىڭ 19 - ئاپرېلدا بىر رۇسىيە دىپلوماتىنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ قىلغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن، مولداۋىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىلىيان دارىينىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرتىلغانلىقىنى بىلدۈردى؛ باياناتتا: «كىشىنېۋنىڭ رۇسىيەگە قارشى تاشلىغان دۈشمەنلەرچە قەدەملىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى. باش ئەلچىگە مولداۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغا قارشى مولداىيەنىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بىر خادىمىنى <قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى> دەپ ئېلان قىلغانلىقى توغرىسىدىكى نارازىلىق ئۇلتىماتومى تاپشۇرۇلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
باياناتتا يەنە، بىر قسىىم مولداۋىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ رۇسىيەگە قارشى ئېلان قىلغان باياناتلىرى ۋە مولداۋىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازالىرىغا ئاۋاز قوشقانلىقى سەۋەبىدىن رۇسىيەگە كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.