ماراكەش پادىشاھى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن 1518 مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلدى

ماراكەش پادىشاھى 6 - مۇھەممەد روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرمىدىكى 1518 جىنايەتچىنى كەچۈرۈم قىلدى.

1978182
ماراكەش پادىشاھى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن 1518 مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ماراكەش ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك جىنايەتلەر سەۋەبىدىن تارمە جازاسى بېرىلگەن ياكى قولغا ئېلىنغان 1518 كىشى ھەققىدە ماراكەش پادىشاھى 6 - مۇھەممەد  تەرىپىدىن كەچۈرۈم قىلىش قارارى ماقۇللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

ماراكەش پادىشاھى ئالدىنقى يىلى ئىيۇلدىكى قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەنمۇ 979 مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلغان ئىدى.

ماراكەش ئاساسىي قانۇنىنىڭ 58-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پادىشاھ مەھبۇسلارغا قارىتا كەچۈرۈم قىلىش قارارى چىقىرالايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر