ب د ت باش كاتىپى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

1977803
ب د ت باش كاتىپى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

ئانتونىيو گۇتېررېس باياناتىدا مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ روزا ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ھەممىمىز بۇ بايرامنىڭ ھەمكارلىشىش، ئاممىۋى ھالدا ھەرىكەت قىلىش، ھېسداشلىق قىلىش ۋە مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش روھىدىن ئىلھام ئېلىشىمىز كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر