ئىسرائىلىيە پەلەستىن زېمىنىغا كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىنى 3 كۈن تاقايدۇ

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 24-ئاپرېلدىن باشلاپ «خاتىرىلەش كۈنى» ۋە «مۇستەقىللىق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن پەلەستىن زېمىنىغا كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىنى 3 كۈن تاقاشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1977631
ئىسرائىلىيە پەلەستىن زېمىنىغا كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىنى 3 كۈن تاقايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا، بۇ قارارنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى نەزەردە تۇتۇلۇپ ۋە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن چىقىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇ قارارغا ئاساسەن، «خاتىرىلەش كۈنى» ۋە «مۇستەقىللىق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززە رايونىغا كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىنىڭ ئۇدا 3 كۈن تاقىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، بۇ جەرياندا ئىنسانپەرۋەرلىك، تېببىي  ۋە پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللاردا پەلەستىن زېمىنىغا كىرىش-چىقىش ئۈچۈن  پەقەت ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن تېرروتېرىيەلىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرى مەسئۇلىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىلا ئاندىن رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشتا قازا قىلغان ئەسكەرلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان «خاتىرىلەش كۈنى»، ئىبرانىي كالېندارى بويىچە بۇ يىل 25 – ئاپرېل كۈنىگە؛ ئىسرائىلىيە قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان «مۇستەقىللىق كۈنى» بولسا 26-ئاپرېلغا توغرا كېلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر