تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان ئەننەھدا رەھبىرى راشىد ئەلغەننۇشى بۈگۈن ئەتىگەن قولغا ئېلىندى
تۇنىس ئەننەھدا ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، تۇنىس پارلامېنتىنىڭ سابىق پارلامېنت باشلىقى راشىد ئەلغەننۇشى 48 سائەتلىك تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رەسمىي شەكىلدە قولغا ئېلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس بىخەتەرلىك قىسىملىرى 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئىپتار ۋاقتىدا ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ نازارەت ئاستىغا ئالغان ئەلغەننۇشى، 48 سائەتلىك تەپتىش تەكشۈرۈشىدىن كېيىن يوللانغان تۇنىس ئەسلىيە مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۈگۈن ئەتىگەن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە يوللاندى.
ئەننەھدا ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى ئادۋوكات ھەبىب بىن سىدخۇم ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، غەننۇشى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى 11 كىشىنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە سۇيىقەست قىلىش» دائىرىسىدە تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
غەننۇشى بىلەن بىرلىكتە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئەننەھدا ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى زاتلىرىدىن مۇھەممەد ئەلكۇمانى، بىلقاسىم ھەسەن ۋە ھەرىكەتنىڭ باشقا ئالتە ئەزاسىنىڭ مەزكۇر سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن جەمئىيەتتە تۇرغۇزۇپ سوتلاشقا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھازىرغىچە غەننۇشى قانداق جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
رۇسىيە يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش مەشىقىنى باشلىدى
رۇسىيە يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى مەشىق قىلىدىغان مانېۋىرىنى باشلىدى.