سېرگېي شويگۇ رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرىنى كۆزدىن كەچۈردى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ دۆلىتىنىڭ كالۇگا رايونىدىكى ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.
1977217
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسملىرى قوماندانى سېرگېي كاراكايېف دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇغا، ئەسكەرلەرنى «يارس» قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بىلەن قوراللاندۇرۇش ۋە زامانىۋى ئۇل- ئەسلىھە بەرپا قىلىش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
مىنىستىر شويگۇ يەنە، ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.