ئامېرىكا پۇقراسى ئىككى خىتاي بېيجىڭغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇيورك ئىشتاتىدا خىتاينىڭ «ئىلغار قاراۋۇلخانىسى» سۈپىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر ئىشخانىدىكى ئىككى كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

1976552
ئامېرىكا پۇقراسى ئىككى خىتاي بېيجىڭغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ئەمەلدارلىرى برۇكلىن فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مانخاتتان ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى «خىتاي بازىرى» رايونىغا يېقىن يەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن دېڭىز ھالقىغان قاراۋۇلخانىدەكلا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر  ئىشخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، باستۇرۇپ كىرىش جەريانىدا «دەلىل – ئىسپاتلارنى يوقىتىۋەتكەن»  ئامېرىكا پۇقراسى ئىككى خىتاي ئەرنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قانۇنسىز ئالاقىلىشىش ئىشخانىسىدا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزكۇر ئىككى كىشىنىڭ بىرى برونكىستا ياشايدىغان 61 ياشلىق لۇ جيەنۋاڭ، يەنە بىرى مانخاتتاندا تۇرىدىغانلىقى ئېنىقلانغان 59 ياشلىق چېن جىنپىڭ ئىكەن.

ئىككى خىتاينىڭ تۇرغۇزۇلغان دېلوغا ئاساسەن بۈگۈن ئەتىگەن نيۇيوركتىكى ئۆيلىرىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن دائىرىلەر، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئالدىمىزدىكى سائەتلەردە برۇكلىندىكى ئامېرىكا سوتچىسى رومان ئې. رېيېس تەرىپىدىن سوتلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىكى باياناتتىمۇ لۇ ۋە چېن فامىلىلىك ئىككى ئەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاسۇسلىرى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىش ۋە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى بىلەن ئورناتقان ئالاقىسىگە مۇناسىۋەتلىك پاكىتلارنى يوقىتىپ، ئادالەتكە توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر