بېلگىيە باش مىنىستىرى تۈركىيە بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىقنى تەكىتلىدى

بېلگىيە باش مىنىستىرى ئالېكساندېر دې كرو 6-فېۋرال تۈركىيەدە يۈز بەرگەن قاھرامانماراش يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدىن كېيىن، دۆلىتىنىڭ ھاتايدا دالا دوختۇرخانىسى قۇرغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1976538
بېلگىيە باش مىنىستىرى تۈركىيە بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىقنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە باش مىنىستىرى ئالېكساندېر دې كرو  تۈنۈگۈن (17-ئاپرېل) كەچتە پايتەخت بىريۇسسېلدا بىر توپ مۇسۇلمان ياشلار تەشكىللىگەن ئىپتار پىروگراممىسىغا قاتناشتى.

ئالېكساندېر دې كرو ئىپتاردىكى نۇتۇقىدا، تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن، بېلگىيە ۋە تۈركىيەدە ياشايدىغان تۈرك جامائىتىگە ھەمكارلىقنى تەكىتلەپ: «بېلگىيەدە ھەمىشە ھەمكارلىق بار، نۇرغۇن كىشىلەر ھەر كۈنى ياردەم پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن تىرىشىۋاتىدۇ» دېدى.

دې كرو بېلگىيەنىڭ  ھاتايدا دوختۇرخانا قۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ دوختۇرخانا ھازىرمۇ بار، ھەر كۈنى 70-80 كىشى داۋالىنىۋاتىدۇ. بۇ دوختۇرخانا بىزنىڭ ئۇ يەردە ئۇزۇنغىچە تۇرىدىغانلىقىمىزنى ۋە ياردەم قىلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش تۇيۇقسىز ۋە قورقۇنچلۇق بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما كىشىلەرنىڭ بۇ ئاپەتنى يىڭىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇ يەرنى قايتا قۇرۇپ چىقىمىز، تېخىمۇ كۈچلۈك جەمئىيەت بەرپا قىلىمىز. بېلگىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ھەمكارلىق تولىمۇ گۈزەل» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر