ھىندىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلگەن كىشى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن

ھىندىستاندا ئىككى يىل ئىلگىرى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلۇپ، جەسەت كۆيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن كاملېش پاتىدار ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.

1975932
ھىندىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلگەن كىشى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلدى دەپ قارالغان، مادھيا پرادېش ئىشتاتىنىڭ دخار شەھىرىدە ياشايدىغان پاتىدار ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن.

پاتىدارنىڭ تۇغقىنى مۇكېش پاتىدار، كاملېش پاتىدارنىڭ 2021-يىلى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئىككىنچى دولقۇنىدا ئېغىر كېسەل سۈپىتىدە گۇجارات دۆلەت دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلغانلىقىنى، دوختۇرخانىنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن جەسەت ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ پاتىدارنىڭ ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە ھاممىسىنىڭ ئۆيىگە كەلگەنلىكىدىن بارلىق ئائىلە ئەزالىرى ۋە يېقىنلىرىنىڭ چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ پاتىدارنىڭ ئىككى يىل بويىچە قەيەردە يۈرگەنلىكى توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

كانۋان رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رام سىنىگ راتور بايانات ئېلان قىلىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلدى دەپ قارالغان پاتىدارنىڭ ھەقىقىي ھېكايىسىنىڭ بايانى ئېلىنغاندىن كېيىن ئايدىڭلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر