ئاۋسترىيە: پۇتىن تەۋەلىكىمىزگە قەدەم باسقان تەقدىردە قولغا ئېلىنىدۇ
ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ دۆلەت (ئاۋسترىيە) تەۋەلىكىگە قەدەم باسقان تەقدىردە قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيە ئاساسىي قانۇن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى كارولىن ئېدتستادلېرنىڭ تۈنۈگۈن (12-ئاپرېل) گېرمانىيەنىڭ «تاگېششىپىگېل» گېزىتىگە بەرگەن «پۇتىننىڭ ئاۋسترىيەگە كەلگەن تەقدىردە قولغا ئېلىنىدىغانلىقى» توغرىسىدىكى باياناتىدىن كېيىن، ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئاۋسترىيەگە كەلگەن تەقدىردە قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى دەللىلىدى.
«ھېچكىم قانۇندىن ئۈستۈن ئەمەس. بارلىق جىنايەتلەر بوشلۇق قالدۇرۇلماستىن يورۇتۇلۇشى، جازاسىز قالماسلىقى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا ئاۋسترىيەنىڭمۇ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقى تەكىتلەندى.
باياناتتا: «بۇ سوتنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ۋە ئىزدىلىۋاتقان ئادەمنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە پىرېزىدېنت پۇتىن ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە» دېيىلدى.
باياناتتا يەنە، پۇتىننىڭ سوتنىڭ قارارىغا بويسۇنىدىغان 123 ئەزا دۆلەتكە ساياھەتكە بېرىش ئارقىلىق بۇ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلمايدىغانلىقىغىمۇ ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلدى.