لاۋروۋ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ  خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1974482
لاۋروۋ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، لاۋروۋ بىلەن چىن گاڭ ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە چاقىرىلغان ئافغانىستانغا  قوشنا دۆلەتلەر (ئۆزبېكىستان، ئىران، خىتاي، پاكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە رۇسىيە) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە بىر يەرگە جەم بولغان.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىادىمىر پۇتىن بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن ئالدىنقى ئايدا پايتەخت موسكۋادا تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلغان ئۇچرىشىشتا، ئافغانىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

ئىككى مىنىستىرنىڭ ئۇچرىشىشىدا، «رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئوخشاش ياكى يېقىن پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، قارا چاپلاش، تەھدىت سېلىش ئارقىلىق بىر تەرەپلىمە قاراشنى مەجبۇرىي تېڭىش، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە قارشى تۇرۇش تەشەببۇسلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى» قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر