بايدىن ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك جىددىي ھالەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش قانۇنىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتنىڭ جىددىي ھالەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

1973082
بايدىن ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك جىددىي ھالەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش قانۇنىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن كونگرەنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى سۇنغان ۋە كونگرەنىڭ ھەر ئىككى قانىتى قوبۇل قىلغان 2020-يىلى ئېلان قىلىنغان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك جىددىي ھالەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

ئامېرىكادا ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر بوشىتىلغان ئىدى.

يۇقۇم سەۋەبىدىن يولغا قويۇلغان ۋاكسىنا ئەملەش ۋە ماسكا تاقاش تەلىپى قاتارلىق بىر قاتار بەلگىلىمىلەرگە قارشى چىققان جۇمھۇرىيەتچىلەر، بايدىننىڭ ئۆتكەن يىلى (2022) «يۇقۇم ئاخىرلاشتى» دېگەن باياناتىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ قانۇن لايىھەسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدا 210 ئاۋازنىڭ رەت قىلىشى، 220 ئاۋازنىڭ قوللىشى؛ كېڭەش پالاتاسىدا 23 ئاۋازنىڭ رەت قىلىشى، 68 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ھەر ئىككى پالاتادا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر