خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدا ھاۋا ۋە دېڭىزدىكى چارلاشلىرىنى كۈچەيتتى

تەيۋەن ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر كۈن ئىچىدە ئارال ئەتراپىدا خىتاينىڭ 70 دانە ئۇچقۇسى ۋە 11 ھەربىي پاراخوتىنىڭ بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

1972279
خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدا ھاۋا ۋە دېڭىزدىكى چارلاشلىرىنى كۈچەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئارال ئەتراپىدا خىتاينىڭ ئۇچقۇ ۋە ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ بايقالغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، خىتاينىڭ 70 ئۇچقۇسىنڭ 35 ىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا تەرەپلەرنىڭ ھاۋا ۋە دېڭىز لىنىيىسىدىن ئۆتۈپ، تەيۋەننىڭ «ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى» (ADIZ)  ئېلان قىلغان ساھەدە ئۇچقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئارال ئەتراپىدىكى ئۇچۇش ۋە پاراخوت چارلاشلىرىنىڭ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي ،يىڭۋېننىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا زىيارىتىدىن كېيىن باشلىغان مانېۋىرغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

خىتاي 8-ئاپرېل (2023) ئارال ئەتراپىدا قۇرۇقلۇق، ھاۋا، دېڭىز ۋە راكېتا قىسىملىرى قاتناشقان بىرلەشمە مانېۋىر باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي بىلەن ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشىدىكى تەيۋەننىڭ پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرى بولغان گىۋاتېمالا بىلەن بېلىزنى زىيارەت قىلىپ قايتىشىدا، ئامېرىكانى «ترانزىت ئۆتۈش» مۇناسىۋىتى بىلەن غەيرىي رەسمىي ھالدا زىيارەت قىلغان ئىدى.

تەيۋەن پىرېزىدېنتى 30-مارت نىيۇ يورك شەھىرىدىكى خادسون تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ئۇيۇشتۇرغان يىغىنغا قاتناشقان؛ 5-ئاپرېل كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سىمى جىلغىسى (Simi Valley) شەھىرىدە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى كېۋىن مېككارتى (Kevin McCarthy) ۋە ھەر قايسى پارتىيەلەردىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

بېيجىڭ مەزكۇر زىيارەت سەۋەبىدىن ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، پىرېزىدېنت سەي يىڭۋېننىڭ زىيارىتىدە ۋاستىچىلىك رول ئوينىغان ئورگان ۋە ئەمەلدارلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

تەيۋەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1949-يىلدىن تارتىپ ئەمەلىي مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ كەلمەكتە.

خىتاي «بىر خىتاي» سىياسىتىنى تەكىتلەپ، تەيۋەننىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن مۇستەقىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا شۇندقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ۋەكىل تۇرغۇزىشىغا قارشى چىقىپ كەلمەكتە. ئۆزىنى  ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرگە تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلاشنى شەرت قوشۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر