شىۋېتسىيە ساقچىلىرى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ئىغۋاگەرچىلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

شىۋېتسىيە ساقچىلىرى شىۋېتسىيە مەمۇرىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ئىغۋاگەرچىلىكىگە رۇخسەت قىلىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1971555
شىۋېتسىيە ساقچىلىرى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ئىغۋاگەرچىلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستوكھولم ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىۋېتسىيە ساقچىلىرى فېۋرال ئېيىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرمەكچى بولغان ئىككى كىشىگە ساقچىلارنىڭ بىخەتەرلىك خەۋىپى سەۋەبىدىن رۇخسەت قىلمىغان قارارىنى بىكار قىلغان مەمۇرىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «4-ئاپرېل كۈنى،  شىۋېتسىيە مەمۇرىي سوت مەھكىمىسى ساقچىلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن ئىككى قېتىملىق يىغىلىشقا رۇخسەت قىلماسلىقىنى ئادالەتسىزلىك دەپ قارىدى. ساقچى تەرەپ بولسا سوتنىڭ قارارىنى تەكشۈردى ۋە بۇ قارارنى بىكار قىلىشى ئۈچۈن يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇندى.»

شىۋېتسىيەدە فېۋرال ئېيىدا ئىراقتا تۇغۇلغان سالۋان مومىكا ئىراقنىڭ ستوكھولم ئەلچىخانىسى ئالدىدا، قارا تەنلىك كىرىس ماكوندۇت بولسا تۈركىيەنىڭ ستوكھولم ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشكە ئۇرۇنغان، ساقچىلار بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن بۇ ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە يول قويمىغانىدى.

مومىكا بىلەن ماكوندۇت قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشكە يول قويمىغان ساقچىلار ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغانىدى.

شىۋېتسىيە مەمۇرىي سوت مەھكىمىسى ساقچىلارنىڭ «بىخەتەرلىك خەۋىپى ئەندىشىلىرى» سەۋەبىدىن نامايىش قىلىشنى چەكلەش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساقچىلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ئىغۋاگەرچىلىكىگە يول قويماسلىق قارارىنى بىكار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر