ئىران ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە باش ئەلچى تەيىنلىدى

ئىران ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە باش ئەلچى تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1970053
ئىران ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە باش ئەلچى تەيىنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئىرنا، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رىزا ئامىرىنى ئەبۇدابىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ پات يېقىندا ئەبۇدابىگە بېرىپ خىزمىتىنى باشلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ چەت ئەلدىكى ئىرانلىقلارغا مەسئۇل باش دىرېكتورى رىزا ئامىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىراننىڭ ئالجىرىيە، سۇدان ۋە ئېرىتېرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.

2016- يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان شىئە دىنىي زات نىمر ئەننىمرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 47 كىشىگە «تېررورلۇق» جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسى بەرگەنىدى. ئىران دائىرىلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۆلۈم جازالىرىغا قايتۇرغان باياناتلىرىدىن كېيىن، ئىرانلىق نامايىشچىلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تېھراندىكى باش ئەلچىخانىسى بىلەن مەشھەد شەھىرىدىكى كونسۇلخانا بىنالىرىغا ئوت قويۇۋەتكەنىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان، بەھرەين، كۈۋەيت ۋە سۇدان ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنى تۆۋەن دەرىجىلىك دىپلوماتىك ۋەكىل تۇرغۇزۇش دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ، تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەيف مۇھەممەد ئۇبەيد ئەززەھەبىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇپ كەتكەنىدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان سۆھبەتلىرى نەتىجىسىدە، 2016- يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە دۆلىتىگە قايتۇرۇپ كېتېىلگەن سەيف مۇھەممەد ئۇبەيد ئەززەھەبى، ئارىدىن يەتتە ئۆتكەندىن كېيىن، 2022- يىلى 9- سېنتەبىردە ئىلگىرىكى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىرانغا بارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر