ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى بىريۇسسېلدا ئېچىلدى

ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇش، ئاسىيا-تىنچ ئوكياننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە مۇداپىئە خىراجەتلىرى قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدى.

1970317
ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى بىريۇسسېلدا ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو مەركىزىدە چاقىرىلدى. يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، تەكلىپلىك مېھمان سۈپىتىدە شىۋېتسىيەمۇ قاتنىشىدۇ.

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ، رۇسىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلغانلىقىنى، ئۇكرائىناغا ئۇرۇشتا ئېھتىياجلىق ھەممە نەرسىنى بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ناتونىڭ رۇسىيە نىڭبېسىمىغا قارشى باشقا شېرىك دۆلەتلەر بولغان مولداۋىيە، گىرۇزىيە ۋە بوسنىيە-گېرتسېگوۋىناغىمۇ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۈگۈن (5-ئاپرېل) ئاسىيا-تىنچ ئوكياننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئاۋستىرالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنستىرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر