رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا يۈزلەرچە بالا ئۆلدى

رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا 500 دىن ئارتۇق كىچىك بالا جېنىدىن ئايرىلدى.

1969706
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا يۈزلەرچە بالا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى كاتېرىن رۇسسېل ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنالىق كىچىك بالىلار ۋە ئائىلىلەر تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئۆتكەلدىن ئۆتتى. 2022-يىلى فېۋرال ئېيىدا ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان كەم دېگەندە 501 بالا ئۆلتۈرۈلدى.»

رۇسسېل ئەمەلىيەتتە قازا قىلغان بالىلار سانىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى دەلىللىگەن ساندىن كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئۇرۇشتا كەم دېگەندە 1000 بالىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

رۇسسېل مۇنداق دېدى: «ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن ھەر بىر بالىنىڭ ئائىلىسى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئازاب – ئوقۇبەت ئىچىدە قالدى. بۇ كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، بالىلار ۋە ئائىلىلەر تىنچلىققا موھتاج، ئەمما تىنچلىقنىڭ پات يېقىندا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر