ئامېرىكا ئىرانغا تۆلەم تۆلەيدۇ

خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىرانغا تۆلەم تۆلىشى كېرەك، دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

1967993
ئامېرىكا ئىرانغا تۆلەم تۆلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىرانغا تۆلەم تۆلىشى كېرەك، دەپ ھۆكۈم چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران مەركىزىي بانكاسىنىڭ تەخمىنەن 2 مىليارد دوللارلىق توڭلىتىىپ قويۇلغان مال – مۈلۈكلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلدى.

خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى دېلوغا ئالاقىدار قارارىنى ئېلان قىلدى.

سوت مەھكىمىسى «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران ھاكىمىيىتىگە يۈرگۈزگەن ئېمبارگولار  1955 -يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان <دوستلۇق، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ۋە كونسۇلخانا قانۇنى> كېلىشىمىگە خىلاپ، شۇڭا ئامېرىكا ئىرانغا تۆلەم تۆلىشى كېرەك»، دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

خەلقئارا سوت مەھكىمىسى تەرەپلەر 24 ئاي ئىچىدە تۆلەم سوممىسى توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالمىغان تەقدىردە، بۇ مەسىلىنى قايتىدىن ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سوت مەھكىمىسى تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران مەركىزىي بانكاسىنىڭ تەخمىنەن 2 مىليارد دوللارلىق توڭلىتىىپ قويۇلغان مال – مۈلۈكلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلدى.

خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىرازىنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «دوستلۇق، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ۋە كونسۇلخانا قانۇنى» كېلىشىمى مەركىزىي بانكالاردىكى مال - مۈلۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 1983-يىلى 23-ئۆكتەبىر كۈنى لىۋاندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىغا قىلىنغان بومبا ھۇجۇمى جاۋابكارىنىڭ ئىران ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. ئارقىدىنلا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىران مەركىزىي بانكاسىغا تەۋە ئىراننىڭ 2 مىليارد دوللارغا يېقىن مۈلكىنى توڭلىتىپ قويغان، ۋە بۇ مال - مۈلۈكلەرنىڭ مەزكۇر ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 241 نەپەر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكىرىنىڭ  يېقىن – يورۇقلىرىغا تۆلەم سۈپىتىدە بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر