مېكسىكا كۆچمەنلەر مەركىزىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

مېكسىكانىڭ ئامېرىكا چېگراسىغا يېقىن رايونىدىكى كۆچمەنلەر مەركىزىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 39 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1966741
مېكسىكا كۆچمەنلەر مەركىزىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئاندرېس مانۇئېل لوپېز ئوبرادور ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكانىڭ تېكساس ئىشتاتى چېگراسىغا يېقىن سىيۇدەد خۇارى (Ciudad Juarez) غا جايلاشقان مېكسىكا دۆلەتلىك كۆچ ئىنىستىتۇتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ: «ئاپەتكە چېگرادىن قايتۇرۇلۇش ئۈچۈن تۇرۇۋاتقان كۆچمەنلەر سەۋەب بولدى. ئۇلار ئوت كېتىدىغانلىقىنى ئويلىماي، نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئىشىكلەرگە بەزى نەرسىلەرنى قويۇپ ئوت قويدى. ئۇلار چېگرادىن قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكلىرى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلدى دەپ ئويلايمىز» دېدى.

كۆپ ئىنىستىتۇتىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، تۈنۈگۈن (28-مارت) كېچە باشلانغان ئوت ئاپىتىدە 39 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، 29 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، تۆت دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر