سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆمرە زىيارەتچىلىرى ئولتۇرغان ئاپتوبۇس قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىدى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆمرە زىيارەتچىلىرى ئولتۇرغان ئاپتوبۇس قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ 20 ئادەم قازا قىلدى.

1965905
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆمرە زىيارەتچىلىرى ئولتۇرغان ئاپتوبۇس قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاراتقۇلىرى، ئەبھا بىلەن مۇھايىل شەھەرلىرى ئارىسىدىكى تاش يولدا ئۆمرە زىيارەتچىلىرى ئولتۇرغان بىر ئاپتوبۇسنىڭ تورمۇزى تۇتماي بىر كۆۋرۈككە سوقۇلۇپ ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى، قازا نەتىجىسىدە ئوت كەتكەن ئاپتوبۇستىكىلەردىن 20 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

يەمەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاغا ئۇچرىغان ئاپتوبۇستىكىلەر يەمەنلىك ئۆمرە زىيارەتچىلىرى ئىكەن.

رەسمىي دائىرىىلەر ھازىرغىچە ۋەقە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر