چېخىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى خىتاينىڭ نارازىلىقىغا پېسەنت قىلماستىن تەيۋەندە زىيارەتتە بولماقتا

چېخىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ماركېتا پېكاروۋا ئاداموۋا خىتاي بىلەن ئىگىلىك ھوقۇق توقۇنۇشى داۋاملىشىۋاتقان تەيۋەننى زىيارەت قىلدى.

1965084
چېخىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى خىتاينىڭ نارازىلىقىغا پېسەنت قىلماستىن تەيۋەندە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چېخىيە پارلامېنتى باشلىقى ماركېتا پېكاروۋا ئاداموۋا تۈنۈگۈن (25-مارت) سودا-سانائەتچىلەر، ئاكادېمىكلار ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 150 كىشىلىك ھەيئەت بىلەن تەيۋەنگە يېتىپ باردى.

ئاداموۋا چېخىيە بىلەن تەيۋەننىڭ ئارىلىقى ئۇزۇن بولۇشىغا قارىماي، ئوخشاش يادرولۇق قىممەت قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا چېخىيەنىڭ تەيۋەننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەش كۈنلۈك زىيارەت ئۈچۈن تەيۋەنگە يېتىپ كەلگەن ئاداموۋا تەيۋەن رەھبىرى سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەمدە پارلامېنتتا نوتۇق سۆزلەيدۇ.

چېخىيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى پېتېر پاۋېل سايلامدا غەلىبە قىلىپ ئارقىدىنلا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ۋە تەيۋەن رەھبىرى سەي يىڭۋېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن ئىدى. خىتاي «بىر خىتاي» سىياسىتى باھانىسى بىلەن بۇ كۆرۈشۈشكە قارىتا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ دەۋا قىلىۋاتقان تەيۋەن، 1949 - يىلدىن بۇيان ئەمەلىي مۇستەقىللىققا ئىگە بىر دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن پەيدا بولغان بۇ ئايرىلىش ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر خىتاي» پىرىنسىپىنى تەكىتلەپ، تەيۋەننىڭ دۇنيادىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇستەقىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا رەىسمىي ۋەكىل تۇرغۇزۇشىغا قارشى چىقىپ كەلمەكتە ھەمدە ئۆزىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى كېرەكلىكىنى شەرت قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر