جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكانىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىدا راست ئوق -دورا ئىشلىتىلدى

جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيە چېگراسىغا يېقىن رايوندا ئۆتكۈزگەن ھەربىي مانېۋىرىدا راست ئوق- دورا ئىشلىتىلدى.

1964148
جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكانىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىدا راست ئوق -دورا ئىشلىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيە چېگراسىدىكى ھەربىيسىزلەشتۈرۈلگەن رايون (DMZ) نىڭ 30 كىلومىتىر جەنۇبىغا جايلاشقان پوچېئون شەھىرى ئەتراپىدىكى مانىۋېردا راست ئوق-دورا ئىشلەتكەن. 100 زەمبىرەك، كۆپ ساندا برونىۋىك ۋە 800 ئەسكەر ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشقان.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىردا، ئىككى دۆلەت ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشى ۋە بىرلەشمە ئوت كۈچى مەركەزلىك مەشىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە مەسئۇللىرى بۇ مانېۋىرنىڭ شىمالىي كورېيە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تەھدىتلەرگە جاۋابەن ئىتتىپاقداشلارنىڭ غايەت زور ئوت كۈچىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا 14-مارتتا باشلانغان «ئەركىنلىك قالقىنى» مانېۋىرىدىن كېيىن، شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى كۈچەيتكەن ۋە 20-مارتتا يادرو بومبىسىغا قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

پيوڭياڭ ھۆكۈمىتى ئاي بېشىدىن بۇيان ئالتە قېتىم ۋە يىل بېشىدىن بۇيان 20  قېتىمدىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر