خىتايدىكى نۇرغۇن رايونلاردا قۇم بورىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى

خىتاينىڭ شىمالىدىكى چۆل ۋە قۇملۇق رايونلار بىلەن 10 دىن ئارتۇق رايون ھەمدە ئۆلكىلەردە، سوغۇق ھاۋا بىلەن كۈچلۈك شامالنىڭ قۇم بورىنىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ھەققىدە جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.

1963417
خىتايدىكى نۇرغۇن رايونلاردا قۇم بورىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەتلىك مېتېرولوگىيە مەركىزىنىڭ باياناتىدا، دۆلەتنىڭ شىمال ۋە شەرقىي شىمال رايونلىرىدا بۇ يىل (2023) نىڭ ئەڭ كۈچلۈك قۇم بورىنى چىقىشىنىڭ مۆلچەرلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، نىڭشيا نۇڭگان ئاپتونوم رايونى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى شۇنداقلا چىڭخەي، گەنسۇ، شەنشى، خىبېي، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىلىرى بىلەن پايتەخت بېيجىڭ ۋە تيەنجېن شەھەرلىرىنىڭمۇ قۇم بورىنىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

مېتېرولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى قىش ئايلىرىدا شىمالىي قۇملۇق ۋە چۆللەردە يېتەرلىك ھۆل-يېغىن بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن يەر يۈزىدە بىرىككەن قۇم، چاڭ-توزانلارنىڭ باھار پەسلىدە جەنۇبتىكى رايونلارنىڭ بالدۇر ئىسسىنىشى بىلەن شىمالدىن جەنۇبقا چىقىدىغان شامالغا ئەگىشىپ قۇم بورىنىغا ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بېيجىڭدا قۇم بوىنى سەۋەبىدىن ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ھالقىلىق سەۋىيەگە ئۆرلىدى.

ھاۋا بۇلغىنىشى ھالقىلىق دەرىجىسىنىڭ ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن «زەھەرلىك» كاتېگورىيەدە ھېسابلىنىدىغانلىقى مەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر