ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكى رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن يۈزلەرچە مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلدى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن 1025 مەھبۇس كەچۈرۈم قىلىندى.

1962745
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكى رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن يۈزلەرچە مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى مۇھەممەد بىن زايىد ئال نەھياننىڭ مەھبۇسلارنى جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇش ۋە ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنىڭ يەلكىسىدىكى يۈكنى يېنىكلىتىش مەقسىتىدە، كەچۈرۈمنامە ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئال نەھياننىڭ قارارىغا ئاساسەن، رامىزان ئېيى كىرىشتىن ئىلگىرى تۈرلۈك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمە ۋە ئۆزگەرتىش ئورۇنلىرىغا قامالغان 1025 كىشى كەچۈرۈم قىلىندى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھەر يىلى رامىزان ئېيىدىن ئىلگىرى ئائىلىۋى ئالاقىنى كۈچەيتىش ۋە مەھبۇسلارنىڭ جەمئىيەت بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە كەچۈرۈمنامە ئېلان قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر