فىرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 113 كىشى تۇتۇلدى
فىرانسىيەدە پېنسىيە ئىسلاھاتى قانۇنىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن ئوخشىمىغان شەھەرلەردە پارتلىغان نامايىشلاردا 113 كىشى قولغا ئېلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە ھۆكۈمەتنىڭ پېنسىيە ئىسلاھاتى قانۇنىنى قوبۇل قىلىشى بىلەن ئوخشىمىغان شەھەرلەردە پارتلىغان نامايىشلاردا، ساقچىلار ۋە نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا پات-پات سۈركىلىىشلەر يۈز بەردى.
پارىژدىكى نامايىشچىلار سائىنت –لازا پويىز ئىستانسىسى، جۇمھۇرىيەت ۋە باستىللې مەيدانى قاتارلىق جايلاردا يىغىلدى. نامايىشچىلارنىڭ كۆپچىلىكىنى ياشلا تەشكىل قىلدى.
نامايىشچىلار تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى سەۋەبىدىن تەخمىنەن ئىككى ھەپتىدىن بۇيان پايتەخت كوچىلىرىدا توپلىنىپ قالغان ئەخلەت ساندۇقلىرىنى ئۆرۈپ، ئەخلەتلەرگە ئوت قويۇپ بەردى.
فىرانسىييە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، پارىژدا ھازىرغىچە 113 نامايىشچى تۇتۇلغان.
ئۆكتىچىلەرنىڭ پېنسىيە ئىسلاھاتى توغرىسىدا ھۆكۈمەتكە قارشى پارلامېنتقا سۇنغان ئىككى تەكلىپى رەت قىلىنغان ۋە ئىسلاھات قانۇن تەكلىپى قوبۇل قىلىنغان ئىدى.
پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي ھالدا 62 دىن 64 كە چىقىرىدىغان ئىسلاھات بىلەن، بىر كىشى 2027-يىلى پېنسىيە مائاشىنى تولۇق ئالالىشى ئۈچۈن 43 يىل بويىچە سۇغۇرتاسىنى تۆلىگەن بولۇشى كېرەك.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىتالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يىغىن جەريانىدا ھالىدىن كەتتى
ئىتالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۇيدو كروسېتتو دوختۇرخانىدا جىددىي بالنېستقا ئېلىندى.
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ياپونىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزدى
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېڭىشى قۇرۇلدى.