كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 14 پۇقرا قازا قىلدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدىكى شىمالىي كىۋۇ ئۆلكىسىدە قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمدا 14 پۇقرا قازا قىلدى.

1962034
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 14 پۇقرا قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كىۋۇ ئۆلكىسىگە قاراشلىق لۇبېرو يېزىسى «دېموكراتىك ئىتتىپاقداش كۈچلەر» ناملىق توپىلاڭچى تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمدا 14 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئۇگاندا ۋە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە 1990 – يىللاردىن بۇيان پائالىيەت قىلىۋاتقان «دېموكراتىك ئىتتىپاقداش كۈچلەر» ناملىق توپىلاڭچى تەشكىلات، ئۇگاندا مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسى، ئۇگاندا مۇسۇلمان ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە تەبلىغ جامائىتى قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ سابىق ئەزالىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان.

«دېموكراتىك ئىتتىپاقداش كۈچلەر» ناملىق توپىلاڭچى تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇملىرىدا 2014 - يىلدىن بۇيان مىڭلىغان پۇقرا قازا قىلىپ، 100 مىڭلىغان كىشى ئۆي-ماكانسىز قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر