ئارگېنتىنادىكى دالا ئوت ئاپىتىدە 3000 گېكتار ئورمان كۈلگە ئايلاندى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بوئىنۇس ئايرېسنىڭ غەربىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن دالا ئوت ئاپىتىدە 3000 گېكتار ئورمان كۈلگە ئايلاندى.

1960055
ئارگېنتىنادىكى دالا ئوت ئاپىتىدە 3000 گېكتار ئورمان كۈلگە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئارگېنتىنا مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، كوررىئېنتېس ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدا باشلانغان ئورمان ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

باياناتتا، ئوت ئاپىتىنىڭ تېخىچە كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنمىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «ئوت ئاپىتى ناھايىتى كەڭ دائىرىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. تۈنۈگۈندىن بۇيان ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرى ئۈزۈلمەي داۋاملاشماقتا» دېيىلدى.

دۆلەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى (SNMF) نىڭ ئىككى تىك ئۇچارى بىلەن ئارمىيەنىڭ بىر تىك ئۇچاردىن باشقا يەنە، 150 دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ۋە ھەربىلەر ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.  

دۆلەتلىك مېتېرولوگىيە ئىدارىسى (SMN) قويۇق ئىسسىق ھاۋا دولقۇنىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يېڭى ئورمان ئوت ئاپەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر