ئۇكرائىنا دۇنيادا ئۈچىنچى چوڭ قورال ئىمپورت قىلغان دۆلەتكە ئايلاندى

ستوكھولم خەلقئارا تىنچلىق شەرتنامىلىرى ئىنىستىتۇتى ئۇكرائىنانىڭ 2022-يىلى 24-فېۋرال باشلانغان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئۈچىنچى چوڭ قورال ئىمپورت قىلغۇچىغا ئايلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1959480
ئۇكرائىنا دۇنيادا ئۈچىنچى چوڭ قورال ئىمپورت قىلغان دۆلەتكە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستوكھولم خەلقئارا تىنچلىق شەرتنامىلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ (SIPRI) يەرشارى قوراللىرىنى يۆتكەش توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا ، 2022-يىلى 24-فېۋرال باشلانغان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن كىيېۋغا زور مىقداردىكى ھەربىي ياردەم ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ئەھۋال، ئۇكرائىنانى 2022-يىلى دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ قورال ئىمپورت قىلغۇچىغا ئايلاندۇرغان.

ئۇكرائىنا 1991-يىلى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگەن مەزگىلدە مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈردى ۋە 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە نۇرغۇن مىقداردا قورال-ياراغ ئىمپورت قىلدى. رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرال (2022) ئۇكرائىناغا قارشى قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى، بۇ ئەھۋالنى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆزگەرتتى.

ستوكھولم خەلقئارا تىنچلىق شەرتنامىلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ پىشقەدەم تەتقىقاتچىسى پىيېتېر ۋېزېمان ئۆتكەن يىلى (2022) دۇنيادا قورال-ياراغلارنىڭ يۆتكىلىشىدە ئازىيىش بولغان بولسىمۇ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشى نەتىجىسىدە، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تېخىمۇ كۆپ قورال ئىمپورت قىلىشقا باشلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ستوكھولم خەلقئارا تىنچلىق شەرتنامىلىرى ئىنىستىتۇتى قورال-ياراغ ئېكسپورتىغا، ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىنقى 30 يىلدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى قورال-ياراغ ئېكسپورتچىسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ستوكھولم خەلقئارا تىنچلىق شەرتنامىلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ قورال-ياراغ ئېكسپورتىنىڭ 2013-يىلدىن 2017-يىلغىچە، 2018-يىلدىن 2022-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە %14 ئاشقان، ۋاشىنگتوننىڭ 2018-يىلدىن 2022-يىلغىچە بولغان بۇ مەزگىلدە يەر شارى قورال ئېكسپورتىنىڭ %40 نى ئىگەللىگەن.

بۇ ئىككى مەزگىلدە رۇسىيەنىڭ قورال-ياراغ ئېكسپورتى %31 تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۇنيا قورال ئېكسپورتىدىكى ئۈلۈشى %22 تىن %16 كە تۆۋەنلىگەن. فىرانسىيەنىڭ ئۈلۈشى %7.1 تىن %11 كە ئۆرلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر