ئامېرىكادا نەپرەت جىنايىتى 2021 - يىلى تەخمىنەن %12 ئاشتى

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكادا ساقچىغا مەلۇم قىلىنغان نەپرەت جىنايىتى نىسبىتى 2021 - يىلىدا ئىلگىرىكى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %11.6 ئاشقان.

1959496
ئامېرىكادا نەپرەت جىنايىتى 2021 - يىلى تەخمىنەن %12 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مىقياسىدا رەسمىي دوكلات قىلىنغان نەپرەت جىنايىتى ۋەقەلىرىنىڭ 2020 - يىلدا 8120 ئىكەنلىكى ۋە 2021 – يىلدا 9655 كە ئۆرلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2021 - يىلى جەمئىي 12 مىڭ 411 كىشى نەپرەت جىنايىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ %64.5 ى ئىرقى، مىللىتى ياكى ئەجدادلىرى يۈزىسىدىن ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان. %15.9 كىشى جىنسىي تاللاشلىرى سەۋەبىدىن ۋە %14.1 كىشى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن نەپرەت جىنايىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان.

2021 - يىلدىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ %43.2 ى تەھدىتكە، %35.5 ى ئاددەتتىكىچە ھۇجۇملارغا ۋە %20.1 ى ئېغىر ھۇجۇملارغا دۇچ كەلگەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر