تۈركلەرنىڭ بېلگىيەگە كۆچۈشىنىڭ 60 - يىللىقى خاتىرىلەندى

بېلگىيەنىڭ ئانۋېرس شەھىرىدە، خەلقئارا دېموكراتلار ئىتتىپاقى (UID) نىڭ تەشەببۇسى بىلەن تۈركلەرنىڭ بېلگىيەگە كۆچۈشىنىڭ 60 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

1958320
تۈركلەرنىڭ بېلگىيەگە كۆچۈشىنىڭ 60 - يىللىقى خاتىرىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا دېموكراتلار ئىتتىپاقى (UID) نىڭ تەشەببۇسى بىلەن چەت ئەللەردىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسى، ئافرىقىلىق بالىلار فوندى <Vzw>، قىزىل يۇلتۇز لىنىيەسى<Red Star Line> ۋە ستاد ئانتۋېرپېن <Stad Antwerpen> نىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت ئانۋېرس شەھىرىدىكى  قىزىل يۇلتۇز لىنىيەسى<Red Star Line> كۆچمەنلەر مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيەنىڭ ئانۋېرس شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى باتۇ كەسمەن 2024 - يىلى بېلگىيەدىكى مەۋجۇتلىقىنىڭ 60 - يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغان تۈرك خەلقىنىڭ ھەم دۆلەتكە ماسلىشىش، ھەم بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى قوغداش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

باش كونسۇل باتۇ كەسمەن قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن بېلگىيەدىكى تۈرك خەلقىنىڭ چوڭ ھەمكارلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، بېلگىيەگە ۋاكالىتەن تۈركىيەگە قىلىنغان ياردەملەردۇر. بېلگىيەدىكى تۈرك خەلقى بېلگىيەنىڭ ئايرىلماس، شەرەپلىك، ئىپتىخارلىق  ئۇل تاشلىرىنىڭ بىرىدۇر  ھەمدە  شۇنداق بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر